ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى مۇۋەققەت ئەزالىرى سايلاندى
گېرمانىيە، بېلگىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندونېزىيە ۋە دومىنىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت ئەزالىرى بولۇپ سايلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە، بېلگىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندونېزىيە ۋە دومىنىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت ئەزالىرى بولۇپ سايلاندى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى ئەزالىرى 2019-يىلدىن 2020-يىلغىچە بىر يىل 15 ئەزالىق كېڭەشنىڭ مۇۋەققەت ئەزاسى سالاھىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يانۋار ئېيىدىكى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت ئەزالىقىغا تۇنجى قېتىم سايلانغان دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى تاپشۇرۇپ ئالدى.
گېرمانىيە بىلەن بېلگىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە 6 قېتىم ۋەزىپە ئۆتىدى، جەنۇبىي ئافرىقا 3- قېتىم، ھىندونېزىيە بولسا 5- قېتىم ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
جەمئىي 15 ئەزاسى بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بولۇپ جەمئىي 5 دائىمىي ئەزاسى بار، مۇۋەققەت ئەزالار بولسا ھەر يىلى د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سايلىنىدۇ.
مۇۋەققەت ئەزالاردىن 5ى ھەر يىلى يېڭىنىلىپ تۇرىدۇ.