ئىراق پىرېزىدېنتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھام سالىھ تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1117618
ئىراق پىرېزىدېنتى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھام سالىھ تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كېلىدىكەن ھەمدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىكەن. سالىھنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى،  رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر