ياپونىيەدە بىر كىشى ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئارىسىغا ھەيدەپ كىردى
ياپونىيەدە بىر كىشى ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەر ئارىسىغا ھەيدەپ كىرىپ 8 ئادەمنى يارىلاندۇردى.
1117015
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت توكيونىڭ مەركىزىدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان خاراجۇكىدا تۈنۈگۈن كېچە بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئارىسىغا ھەيدەپ كىرىپ 8 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقى، يارىدارلار ئارىسىدىكى بىر ياشنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ساقچىلار ۋەقەگە چېتىشلىق بىر كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.