جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ مەكتۇبىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇبىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1116319
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ مەكتۇبىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ ئەۋەتكەن مەكتۇبىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت مون جىيائىننىڭ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ يادرو قوراللارنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى مەكتۇبىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مون جىيائىن پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى ئېيتتى.

كىم جوڭئۇننىڭ يېڭى يىلدا داۋاملىق ئۇچرىشىش ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن قىلغان چاقىرىقىغا فېيسبۇك ئادېرىسىدىن جاۋاب قايتۇرغان پىرېزىدېنت مون جىيائىن: ئالدىمىزدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق بار، بىزمۇ بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمىز، ھەر ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا ئىجابىي قاراۋاتىدۇ، دېدى.

پىرېزىدېنت مون جىيائىن كىم جوڭئۇننىڭ جەنۇبىي كورېيەنى زىيارەت قىلىش پىلانىدىنمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى باياناتچىسى كىم خۇيكىيۇم، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇپ ئارقىلىق پىرېزىدېنت مون جىيائىننىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش نىيىتى بارلىقىنى دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن، بۇ يىل 27-ئاپرېلدا  ئىككى دۆلەت چېگراسىغا جايلاشقان پانمۇنجوم ئوق چىقىرىشنى توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تەلتۆكۈس تازىلاش ۋە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.   

ئىككى كورېيەنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بۇ يىل ئاپرېلدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن 26-مايدىمۇ يەنە كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەر يەنە سېنتەبىردە پىيوڭياڭدا كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. كۆرۈشۈشتە ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا كېلىشكەن ئىككى پىرېزىدېنت ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى.

خىتابنامىدە ئامېرىكا تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىغان تەقدىردە شىمالىي كورېيەنىڭمۇ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش يولىدا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر