بېيجىڭ ۋاشىنگتون بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

بېيجىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كوردىناتسىيە، ھەمكارلىق ۋە مۇقىملىق ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1116732
بېيجىڭ ۋاشىنگتون بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن مۇساپىسىدە ھاسىل قىلىنغان ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى ۋە ئۆزگىرىشلەردىن تەجرىبە ئىگىلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىيەتلىرىگە مۇۋاپىق ۋە بىتەرەپ شەكىلدە قارىشى، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىشى، خاتا پەرەزلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك» دېدى.

خىتاينىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كوردىناتسىيە، ھەمكارلىق ۋە مۇقىملىق ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لۇ كاڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى 40 يىلدا مۇشەققەتلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ۋە ھەمكارلىق ساھەسىدە «تارىخىي ئۇتۇقلارنى ياراتقانلىقى» نى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزئارا مەنپەئەتنى تايانچ قىلىدىغان ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان لۇ كاڭ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر – بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئوخشاشمايدىغان نۇقتىلارنى مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

يېقىنقى 40 يىللىق ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «يېڭى بىر تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا» تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن لۇ كاڭ، دۆلىتىنىڭ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلغان نۇقتىلارنى ئىجرا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ، 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا قويغان تاموژنا بېجى نىسبىتىنىڭ 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ %10 دىن %25 چىقىرىش قارارىنى توختىتىپ قويۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «ئۇرۇش توختىتىش»، تەرەپلەرنىڭ بىر – بىرلىرىگە يېڭى تاموژنا باجلىرىنى قويۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغانىدى.

خىتايمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قويغان قوشۇمچە باجنىڭ نىسبىتىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر