ئامېرىكا سۈرىيەدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى تاقاشقا باشلىدى

ئامېرىكا سۈرىيەدىكى ئھاسەكە ۋىلايىتىگە قاراشلىق مالىكىيە ناھىيەسىدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى تاقاشقا باشلىدى.

1115961
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى تاقاشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىغا يېقىن جايدىكى ئىككى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى تاقىۋەتتى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ھاسەكەدىكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 19-دېكابىردا سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تۈنۈگۈن ھاسەكە ۋىلايىتىگە قاراشلىق مالىكىيە ناھىيەسىدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنى تاقىۋەتكەن.

تەخمىنەن 50 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بۇ قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىكى ھۇممەر ماركىلىق تانكىلار بىلەن يۈك ماشىنىلىرى ئىراققا قاراپ يولغا چىققان.

ئىسكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ ناھىيەدىن ئايرىلىپ ئىراققا قاراپ ماڭغان.

بۇ ئىسكىلاتلار ئامېرىكانىڭ ئىراق ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ-پ ك ك غا ئەۋەتىپ كېلىۋاتقان قورال-ياراغلار تارقىتىپ بېرىلىدىغان جايلاردىن بىرى ئىدى.

سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى جەمئىي 18 ھەربىي بازىدا ۋەزىپە ئۆتەيتتى.

سۈرىيەدە 18 جايدا ھەربىي بازىسى بولغان ئامېرىكا، 2 يىل ئىچىدە ئىتتىپاقدېشى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ – پ ك ك نى نۇرغۇن قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىدى.  

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن 4 يەردە كۆزىتىش ئورنى قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر