ئىسىرائىلىيە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟

ئامېرىكا سۈرىيەدىن چېكىنىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيەنىڭ رايوندا كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1114582
ئىسىرائىلىيە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە چىقىدىغان «نېزاۋىسىمىيا گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈشى بىلەن، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى يالغۇز قېلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت، ئىسىرائىلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىئىبېرماننىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان: «ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشى، شىمالدا، لىۋاندا ياكى سۈرىيەدە كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجراتتى.

گېزىت يەنە، رۇسىيەنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسى يۇرى لىئامىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىنى، ئىرانغا بېرىلگەن «ئوچۇق چەك» دەپ چۈشەنمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر