ئىراندا ئېتىشىش يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى

ئىراننىڭ كىرمان ئىشتاتىغا قاراشلىق بەردسىر ناھىيەسىدە ساقچىلار بىلەن گۇمانلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا چىققان ئېتىشىشتا، ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1114700
ئىراندا ئېتىشىش يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ كىرمان ئىشتاتىدا ساقچىلار بىلەن قوراللىق بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ساقچىلار كىرمان ئىشتاتىغا قاراشلىق بەردسىر ناھىيەسىدە گۇمانلىق بىر ئاپتوموبىلنى كۆزىتىش ئاستىغا ئالغان. بۇ جەرياندا، گۇمانلىق ئاپتوموبىل يۇقىرى سۈرئەت سەۋەبىدىن يولدىن چىقىپ كەتكەن ۋە قېچىپ كەتمەكچى بولغان كىشىلەر ساقچىلارغا ئوق چىقارغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر