ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراق زېمىنى ئارقىلىق سۈرىيەدىن چېكىنىدۇ

ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى ئامېرىكادىن، «سۈرىيەدىن چېكىنىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئەربىلدىكى ھەربىي بازىغا ئورۇنلىشىشى» توغرىسىدا تەلەپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1113067
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراق زېمىنى ئارقىلىق سۈرىيەدىن چېكىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى پايتەخت باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۈرىيەدىن چېكىنىدىغان ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئەربىلدىكى ھەربىي بازىغا ئورۇنلىشىشى مەسىلىسى بويىچە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىگە تەلەپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ مەسىلىدە ئېنىق ئەھۋال يوق، بىزگە ھېچقانداق تەلەپ كەلمىدى. بولۇپمۇ بۇ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرى دۆلىتىمىزدە كەڭ پائالىيەتلەرنى قىلىش مەسىلىسى. ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراق زېمىنى ئارقىلىق چېكىنىدۇ.»

ئۇ، «ئامېرىكانىڭ تەلىپى بويىچە، ئامېرىكا قىسىملىرى چېكىنگەندىن كېيىن، ئىراق سۈرىيەگە ھەربىي قىسىم ئەۋەتمەكچى» دېگەن گەپ-سۆزلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئەسكەر ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلالمايدۇ. بۇ توغرىلىق ھېچقانداق تەلەپ بولمىدى. قارارنى ئامېرىكا ئەمەس، ئىراق قىلىدۇ.»

ئۇ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىنىڭ، ئىراققا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چېكىنىش قارارى ئىراققا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىكى دوستلىرىمىز بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشتۇق. ئىراق سۈرىيەدىكى بارلىق قىسىملار، قوشنا، رايون ۋە خەلقئارادىكى دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە.  سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئىراققا كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. دائېش سۈرىيە زېمىنىدىن چىقىپ ئىراققا يۈزلىنىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر