پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەۋاز شەرىف 7 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەۋاز شەرىف چىرىكلىك دېلوسى تۈپەيلى 7 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

1112620
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەۋاز شەرىف 7 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكسىتاندا سابىق باش مىنىستىر نەۋاز شەرىف، ئەل ئەزىزە پولات-تۆمۈر زاۋۇتلىرىغا چېتىشلىق چىرىكلىك دېلوسى دائىرىسىدە 7 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

مالىيە مەھكىمىسى سابىق باش مىنىستىر نەۋاز شەرىفنىڭ ئىككى ئوغلى  ھۈسەيىن بىلەن ھەسەن تەرىپىدىن ئەنگلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئاخىرى تۈگەتتى.  

مەھكىمە سابىق باش مىنىستىر نەۋاز شەرىفنى ئەل ئەزىزە پولات-تۆمۈر زاۋۇتلىرىغا چېتىشلىق چىرىكلىك دېلوسى تۈپەيلى 7  يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

نەۋاز شەرىفنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا مىڭلارچە «ئوفشور» (مەركەزدىن يىراق) شىركەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان پاناما ھۆججەتلىرىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلىقى، شۇنداقلا  ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ نامى بىلەن تىزىمغا ئېلىنغان شىركەتلەر تۈپەيلى، پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى.

سابىق باش مىنىستىر نەۋاز شەرىف ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشقا باشلاندى.

مالىيە مەھكىمىسى بۇ يىل ئىيۇلدا نەۋاز شەرىفنىڭ قىزى مەريەم ۋە كۈيئوغلى مۇھەممەد سافدار ئاۋاننىمۇ چىرىكلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر