ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھىزبۇللاھنىڭ تۇنېللىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان چېگراسىدىكى ھىزبۇللاھقا تەۋە تۇنېللارنى بومباردىمان قىلىپ بىتچىت قىلدى.

1111027
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھىزبۇللاھنىڭ تۇنېللىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋان چېگراسىدا ھىزبۇللاھ تەرىپىدىن كوللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۇنېللارنى بومباردىمان قىلپ بىتچىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۇنېللارنىڭ «شىمالىي قالقان»نامى بېرىلگەن ھەربىي ھەرىكەتلەردە بومباردىمان قىلىنىپ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چېگرا رايونلاردا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىگە ئىزاھات بېرىش مەقسىتىدە بايانات بېرىلگەنلىكى، رايون ئاھالىلىرى ۋە شەھەر باشلىقلىرىغا ئالدىن تۇنېللارنىڭ بىتچىت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4-دېكابىردا لىۋان چېگراسىدا ھىبزۇللاقا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۇنېللارنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن «شىمالىي قالقان»نامى ئاستىدا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا 4 تۇنېلنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى ۋە «شىمالىي قالقان»ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بارلىق تۇنېللار بىتچىت  قىلىنغۇچە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرادا 4 تۇنېلنى بايقاپ چىققانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ۋە تۇنېل توغرىسىدىكى قاراشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر