ئامېرىكا ئىككى خىتاي پۇقراسىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلدى، خىتاي نارازى بولدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىككى خىتاي پۇقراسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تور جاسۇسلۇقى قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بۇ خىل ئەيبىلەشلەرگە قەتئىيلىك بىلەن قارشى چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1111406
ئامېرىكا ئىككى خىتاي پۇقراسىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلدى، خىتاي نارازى بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئورۇنسىز ئەيىبلەشلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى نۇقتىلىق پىرىنسىپلارنى زور دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىغا بۇ جەھەتتىكى كېرەكلىك نارازىلىقلارنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان خۇا: «خىتاي بۇنداق ئەيىبلەشلەرگە قەتئىيلىك بىلەن قارشى چىقىدۇ» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور جاسۇسلۇقى ئارقىلىق سودا سىرلىرىنى ئوغرىلاشقا ھەرگىز ئارىلىشىپ باقمىغانلىقىنى ۋە ھېچ كىشىگىمۇ ياردەم بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش تور جاسۇسلۇقى دېگەن گەپ بىلەن خىتايغا قارشى ئورۇنسىز ئەيىبلەشلەردە بولماقتا ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئالدىماقتا. خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى. 

ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە ۋە ھەمكارلىققا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈشى شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكى ھەقىقىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك تىڭشاش ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىدە بۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىمۇ ھەممەيلەننىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جۇ خۇا ۋە جاڭ شىلوڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ چەت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان خۇسۇىسي شىركەتلەردىن پۇل ئوغرىلاش سەپەرۋەرلىكلىرى دائىرىسىدە، كومپىيۇتېر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋە ئېكېلتىرونلۇق يول بىلەن ئادامچىلىق قىلىش ئۈچۈن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈشتەك جىنايەتلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ «Advanced Persitent Threat 10»، «APT10» ۋە «قىزىل ئاپوللو» قاتارلىق ھەر خىل ئىىسملار بىلەن قۇرۇلغان خاككېر گۇرۇپپلىرى سايىسىدا ئامېرىكىنىڭ 45 تېخنىكا شىركىتى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئوغرىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مۇپەتتىشلەر يەنە، جۇ خۇا ۋە جاڭ شىلوڭ ئىسىملىك ئىككى خىتاي پۇقراسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى رودو روسېنستېن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاي بۇ قىلمىشلارغا جاۋابكار ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىشتا قاتتىق قىيىنىلىدۇ» دېگەن ئىدى.

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى «ئىقتىساد ۋە تېخنىكىنى سۇيىئېستىمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر