كاتالونىيەدە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بارسېلونادا، ئىسپانىيە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاساسلىق يوللارنىڭ قاتنىشىنى توسۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1111292
كاتالونىيەدە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بارسېلونادا ئېچىلىدىغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يىغىن ئېچىلىدىغان جايغا بارىدىغان يوللارنى توسۇش پائالىيىتىنى باشلىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز باشچىلىقىدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەتىگەندە باشلانغان نامايىشتا، 20 گە يېقىن يولنىڭ قاتنىشى توسۇۋېتىلدى. بارسېلونانىڭ قوشنا شەھەرلەر بىلەن قاتنىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان نامايىشلار دائىرىسىدە، بارسېلونا ۋە تارراگونا پورتلىرى بىلەن ئەل پرات ۋە رېيۇس ئايرودۇرۇمىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىمۇ قىسمەن توسۇۋېتىلدى.

ئاپتوبۇس شىركەتلىرى نامايىشلار سەۋەبىدىن بارسېلونا-ئاندوررا سەپەرلىرىنى بۈگۈن (21-دېكابىر) بىر كۈن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بارسېلونادىكى ئوقۇغۇچى جەمئىيەتلىرىمۇ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ بارسېلونادا ئېچىلىشى «ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىكى» بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپكە بارماسلىقنى چاقىرىق قىلدى. بەزى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بۈگۈن ئىككى سائەت ئىشقا بارماسلىق چاقىرىقىنى ئېلان قىلدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

شۇ يەر ۋاقتى 09:30 دا باشلاش پىلان قىلىنغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىدىغان بارسېلونا مەركىزىدىكى «Llotja de Mar» بىناسى ئەتراپىدا، مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن «تىنچلىق» شەكىلدە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسپانىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى مىنىستىرلار كېڭىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن قوراللىق ساقچى قىسىم ھەمدە كاتالونىيە يەرلىك ساقچىلىرىدىن جەمئىي 9 مىڭ خادىمنى ئاجراتتى. ئىسپانىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى تۇنجى قېتىم كاتالونىيە يەرلىك ساقچىلىرى بىلەن دۆلەتلىك ساقچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلار يوللارنىڭ قاتنىشىنى توختاتقان نامايىشچىلارنى ۋاقتىنچە توسمىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز تۈنۈگۈن (20-دېكابىر) بارسېلوناغا يېتىپ بېرىپ، كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى كۋىم توررا بىلەن كۆرۈشۈپ يىغىن ئاچتى.

سانچېز بىلەن توررانىڭ يىغىنىغا، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە كاتالونىيە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىككىدىن كىشى ھەمراھ بولدى. يىغىندا، «كاتالونىيە مەسىلىسىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك دىيالوگلارنى باشلاش» قارارىنىڭ ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. توررا بىلەن سانچېزنىڭ 2019-يىل يانۋار ئېيىدا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى خەلق پارتىيەسى (PP) رەھبىرى پابلو كاسادو بايانات ئېلان قىلىپ، سانچېزنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنتى توررا بىلەن «خۇددىي باشقا دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەندەك» كۆرۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يىغىننى ئىسپانىيە ئۈچۈن: «نومۇس قىلارلىق ۋە كەمسىتكەنلىك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر