ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ساھەسىنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

ياپونىيە، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ زەربىدارلار پاراخوتىنى ئاۋىياماتكىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلەيدىغان شەكىلگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدى.

1109710
ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ساھەسىنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىچكى كابىنىت يىغىنىدا يېڭى مىللىي مۇداپىئە نىزامنامىسى قوبۇل قىلىنغان. نىزامنامىدە، ياپونىيەنىڭ ئەتراپىدا «ئېغىر» خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن، خىتاينىڭ دېڭىزلاردا ۋە ھاۋادا تېز سۈرئەتتە ھەربىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئالەم بوشلۇقىدا نوپۇز يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

يېڭى مەزگىلدە خىتاينىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن نىزامنامىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئاساسەن بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، ياپونىيەگە تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

نىزامنامىدە، ياپونىيەنىڭ 5 يىللىق پىلاننى مەركەز قىلغان يېڭى نىشانلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ دائىرىدە ياپونىيە كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە بىر – بىرىگە ماس مۇداپىئە كۈچى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ كۈچ ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئادەتتىكى ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن ئالەم بوشلۇقىدا ۋە سىبەر ئالەم بوشلۇقى ساھەلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. بۇ مەقسەتتە، يېڭى بىر ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى قۇرۇلىدىكەن ۋە نۆۋەتتىكى سىبەر ئالەم بوشلۇقى تارمىقىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدىكەن.

نىزامنامىدە يەنە تىنچ ئوكياندىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ زەربىدارلار پاراخوتى – ئىزۇمونىڭ 5 يىل ئىچىدە دەۋرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدىغان شەكىلدە بىر ئاۋىياماتكىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا، 42 دانە زامانىۋى F-35B ۋە 63 دانە F-35A ئايروپىلانىنىڭ سەپلىنىشى كېرەكلىكى، ئاساسىي قانۇندىكى «ئۇرۇشتىن ساقلىنىش» دېگەن ماددا يۈزىسىدىن ئايروپىلانلارنى «ھۇجۇم» مەقسەتلىك ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، شۇڭا جىددىي ئەھۋاللار بىلەن مەشىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

2019 – 2023 مالىيە يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان نىزامنامىدە، مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى بەش يىلدا 27 تىرىليون يەن (240 مىليارد دوللار) گە يېتىدىغانلىقى، مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 17 مىليارد دوللار ئەتراپىدا چىقىمنى تېجەيدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر