ب د ت، ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەتبىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك، يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەتبىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1109632
ب د ت، ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەتبىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھۇدەيدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ئالاقىدار كېلىشىم توغرىسىدا توختالدى؛ بەزى توقۇنۇش خەۋەرلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى، بىراق، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەتبىقلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇجاررىك، ب د ت نىڭ يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ئۇرۇش توختىتىشنى كۈزەتكۈچى خادىملىرىنىڭ رەسمىي فورما كىيمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەكشۈرۈش مېخانىزمىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇسىيلار بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى، 6 – دېكابىردا باشلىنىپ 13 – دېكابىردا ئاخىرلاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ يەمەن خەلقىگە نىسبەتەن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ھۇدەيدە پورتى ۋە شەھىرى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كېلىشىم ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە «ب د ت نىڭ پورتتا باشلىقلىق رولى» نى ئۈستىگە ئېلىشى، رايونغا كېلىدىغان ئىنسانىي ياردەملەر يولى داغداملاشتۇرۇلۇپ، مىليونلارچە يەمەنلىكنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسانىي كىرىزىسلىرىنىڭ بىرى داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە، نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان 14 مىليون كىشى ئاچارچىلىق خەۋپى ئاستىدا ئىكەن. دۆلەت مىقياسىدا 22 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋە قوغدىنىشقا ئېھتىياجى بار ئىكەن.

نۇرغۇن ساھەلەردە ئىنسانىي كىرىزىس داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە، پاكىز سۇ تېپىشنىڭ قىيىنلىقى، يېتەرسىز ئۇزۇقلىنىش، دورا ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەرنىڭ كەم بولۇشى يۈزىسىدىن خولېرا قاتارلىق يوقۇملۇق كېسەللىكلەر كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.

يەمەنگە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ %90 كە يېقىنىنىڭ، ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ %80 ىنىڭ كىرىش نۇقتىسى بولغان ھۇدەيدە پورتى، يەمەنلىكلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە.

يەمەندە 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. دۇنيانىڭ ئەڭ نامرات دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىنسانىي كىرىزىسمۇ قورقۇنچلۇق ھالەتلەرگە بېرىپ يەتتى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ دۆلەتتە، ھۇسىيلار 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا (سانا) ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇۋاتقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ھەمدەم بولماقتا.


خەتكۈچ: #ب د ت , #يەمەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر