جەنۋەدە سۈرىيە يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە كۆرۈشتى.

1109296
جەنۋەدە سۈرىيە يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋات زارىف، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋات زارىف يىغىندىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىجابىي نەتىجە چىقىشتىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا يىغىندىن كېيىن، مىنىستىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتلەرگە چۈشلۈك تاماق زىياپىتى بېرىدۇ. زىياپەتتىن كېيىن تۆت تەرەپ يەنە قايتا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

تۆت تەرەپنىڭ كېلىشىمگە يېقىن ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا ۋە كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈن (18-دېكابىر) ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر