گوللاندىيە ئىراق پەشمەرگە ئەسكەرلىرىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلوك ئىراق پەشمەرگە ئەسكەرلىرىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1109299
گوللاندىيە ئىراق پەشمەرگە ئەسكەرلىرىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بلوك گوللاندىيەنىڭ ئىراق پەشمەرگە ئەسكەرلىرىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر بلوك ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

گوللاندىيەنىڭ ئىراق پەشمەرگە ئەسكەرلىرىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بلوك: ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىمىز پەشمەرگە ئەسكەرلىرىگە تەلىم-تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى.

مىنىستىر بلوك گوللاندىيەنىڭ ئىراق مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن بارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىپ، گوللاندىيەنىڭ ئىراق مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىسىدە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بارزانىمۇ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: گوللاندىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنى يېقىندىن قوللىشى ۋە گوللاندىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق پەشمەرگە ئەسكەرلىرىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشىدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز، دېدى.

كۆرۈشۈشتە باغداد-ئەربىل مۇناسىۋەتلىرىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان بارزانى، ئىراقتىكى يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر