ئىتتىپاقداش كۈچلەر دەيرۇززۇردىكى بىر جامەنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر شەھىرىدىكى بىر جامەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 17 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1108078
ئىتتىپاقداش كۈچلەر دەيرۇززۇردىكى بىر جامەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ، دەيرۇززۇر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دائېش ئىشغالىدىكى ھەججىن ناھىيەسى يېزا – بازارلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا پۇقرالار جانلىرىدىن جۇدا بولماقتا.

دەيرۇززۇردىكى مەھەللىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى، سەھەر پەيتىدە دەيرۇززۇرنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھەججىن ناھىيەسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى دائېش كونتروللۇقىدىكى بۇخاتىر يېزىسى جامەسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 17 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئۆتكەن ئايمۇ ھەججىن ناھىيە مەركىزى ۋە ناھىيەگە قاراشلىق سۇسە بازىرىدىكى جامەلەرگە ھۇجۇم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر