ئامېرىكا - مېكسىكا چېگراسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 7 ياشلىق بىر قىز ۋاپات بولدى

ئوتتۇرا ئامېرىكىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان كۆچمەنلەر كارۋىنىدىكى گۇاتېمالىق بىر قىز مېكسىكا – ئامېرىكا چېگراسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1106790
ئامېرىكا - مېكسىكا چېگراسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 7 ياشلىق بىر قىز ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتكەن 7 ياشلىق قىزنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇسسۇزلۇق نەتىجىسىدە بىردىنلا يۈرەكنىڭ توختاپ كېتىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى مەنبە قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىدىمۇ، كىچىك قىزنىڭ ئۇدا بىر قانچە كۈن بويىچە ئاچ ۋە ئۇسسۇز قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، مەزكۇر قىزنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ھازىرغىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئوتتۇرا ئامېرىكىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىل تاپقان كۆچمەنلەر كارۋىنى ئۆتكەن ئاي مېكسىكىنىڭ چېگرا شەھىرى تىجۇاناغا يېتىپ بارغانىدى.

گۇاتېمالا، ھوندوراس ۋە ئەل سېلۋادوردىن يوقسۇللۇق، زوراۋانلىق ۋە زۇلۇم تۈپەيلى قاچقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نىشانى، نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي ئامېرىكىغا كىرىشتىن ئىبارەت.

ئامېرىكا چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى ئۆتكەن ئاي چېگرادىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەرگە ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان كۆچمەنلەر كارۋىنىدىكى ھېچكىمنىڭ سوتنىڭ قارارى بولماي تۇرۇپ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر