ئەرەب ئەللىرى پارلامېنتىدىن بىرازىلىيە بىلەن چېخىيەگە چاقىرىق

ئەرەب  ئەللىرى پارلامېنتى بىرازىلىيە بىلەن چېخىيەنى تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىلىرىنى قۇددۇسقا يۆتكىمەسلىككە چاقىردى.

1105172
ئەرەب ئەللىرى پارلامېنتىدىن بىرازىلىيە بىلەن چېخىيەگە چاقىرىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن چاقىرىلغان يىغىنىدا، ئۆتكەن ئاي  بىرازىلىيەنىڭ، بۇنىڭدىن بىرقانچە بىرقانچە ئاي ئىلگىرى  چېخىيەنىڭ، تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىلىرىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈلۈشى مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ دائىرىدە بىرازىلىيە ۋە چېخىيە پارلامېنتلىرىغا مەكتۇپ يوللىنىشى، مەزكۇر دۆلەتلەردىن باش ئەلچىخانىلىرىنى قۇددۇسقا يۆتكىمەسلىكى، خەلقئارالىق پىكىر بىرلىكى ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئورتاق تارىخىي مۇناسىۋەتلەرنى خاتىرىلىتىش ۋە پەلەستىن داۋاسىنى قوللاشقا تەشۋىق قىلىش قارارلاشتۇرۇلدى.

ئەرەب ئەللىرى پارلامېنتى يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىگە ئالاقىدار پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغۇسى بارلىق قارارلىرى ۋە يولغا قويغۇسى سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2017 – يىلى 6 – دېكابىر كۈنى قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەلگەن ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى 14 – ماي كۈنى رەسمىي ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر