پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ھەممە تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى

پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ئىسىرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن ۋەزىيەتكە قارىتا مەملىكەتلىك يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.

1105297
پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپى ھەممە تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 51-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان خىتابنامىدە، «سىيونىست دۈشمەن بارلىق پەلەستىن خەلقىنى نىشان قىلغانلىقى» ئۈچۈن، ھەممە تەرەپنىڭ پىكىر ئوخشىماسلىقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپى خىتابنامىسىدە، ئىشغالچى كۈچلەرنىڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىتىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا سىيونىست ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاق بولۇش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

تۈنۈگۈن (11-دېكابىر) پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 51-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن غەززەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان پىيادە يۈرۈش، غەربىي قىسىمدىكى شاتى مۇساپىرلار لاگېرىدا ئاخىرلاشتى. يۈرۈشكە قاتناشقانلار پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپىنىڭ لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈپ، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە سادىق بولۇش شوئارىنى توۋلىدى.

1967-يىلى ئەرەب مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ماركىسىزم-لېنىنىزم ئىدىيەسىگە ئىگە پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپى، پەلەستىن زېمىنىنىڭ بۆلۈنۈشىگە قارشى تۇرىدۇ. ئەرەب ۋە يەھۇدىي خەلقلىرى ئۆزئارا بىر يەردە ياشىيالايدىغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش، پەلەستىن خەلق ئازادلىق ئالدىنقى سېپىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر