سۇداندا ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بېرىپ 7 ئەمەلدار ئۆلدى

سۇداننىڭ شەرقىدە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن 7 كىشى قازا قىلدى.

1103565
سۇداندا ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بېرىپ 7 ئەمەلدار ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ شەرقىدە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن 7 كىشى قازا قىلدى.

سۇدان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، سۇداننىڭ شەرقىگە جايلاشقان گادارىف ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە، گادارىف ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مىرگاھانى سالىھتىن سىرت بىر مىنىستىر، بەش ساقچى ئەمەلدارى ۋە بىر ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ جەمئىي 7 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ۋەقەنىڭ ۋالىي سالىھنىڭ ئېفىيوپىيە چېگراسىغا يېقىن گالابات رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا سادىر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى، بۇ ۋەقەنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى توغرۇلۇق ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەرلىك تاراتقۇلار ۋەقەنىڭ ئايروپىلان قونۇش ئەسناسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #سۇدان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر