ماكرون ئۇيۇشمىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بۈگۈن (10-دېكابىر) ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1103631
ماكرون ئۇيۇشمىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارنىڭ ناچارلىشىشىغا قارشى باشلىنىپ، ئارقىدىن ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقلارغا ئايلىنىپ كەتكەن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ نامايىشلىرى، فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ شىددەتلىك نامايىش ھالىغا كەلدى.

پىرېزىدېنت ماكرون بۈگۈن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ نامايىشلىرى توغرىسىدا ھەر قايسى ئۇيۇشمىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. كەچ سائەتلەردە بولسا، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نىڭ نامايىشلىرى توغرىسىدىكى نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بايانات ئېلان قىلىدۇ.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدىكى ئېلسىي سارىيىنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن خەۋەرلەردە، ماكروننىڭ «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» تەلەپ قىلغان يېڭى قارارلارنى ئېلان قىلىش مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«سېرىق جىلىتكىلىكلەر» خېلى ۋاقىتتىن بېرى ماكروننىڭ گەپ قىلىشىنى ۋە تەلەپلىرىنى ئورۇنلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.

شەھەر مەركەزلىرىدە ئۆي ئىجراسىنىڭ قىممەت بولۇشى سەۋەبىدىن شەھەر ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغانلاردىن تەشكىللەنگەن ۋە 17-نويابىردىن تارتىپ نامايىش قىلۋاتقان «سېرىق جىلىتكلىكلەر»، ماكروندىن ئىقتىسادىي شارائىتلارنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.

«سېرىق جىلىتكىلىكلەر» نارازىلىق بىلدۈرگەن يېقىلغۇ باھاسىنىڭ 2019-يىلى ئۆستۈرۈلمەيدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، نامايىشچىلار بۇنى يېتەرسىز دەپ قاراپ نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر