تېررورلۇق تەشكىلاتى 9 مىليارد دوللارلىق زىيان سالدى

نىگېرىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى يېمى ئوسىنباجو تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ دۆلەتكە 9 مىليارد دوللارلىق زىيان سالغانلىقىنى ئېيتتى.

1103027
تېررورلۇق تەشكىلاتى 9 مىليارد دوللارلىق زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسىنباجو، ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسى تەرىپىدىن پايتەخت ئابۇجادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 9 مىليارد دوللارلىق زىيان كېلىپ چىقتى، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى، 400 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي - ماكان، دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە دۆلەت ئورۇنلىرى ۋەيران بولدى. بوكو ھارامنىڭ بىزگە سالغان بۇ زىيانلىرى تارىخىمىزدا ھېچ كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس، بۇ بوكو ھارامنىڭ سالغان زىيانلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمى، خالاس. نۆۋەتتە ئارمىيەمىز بوكو ھارامغا قارشى كەسكىن  كۈرەش قىلماقتا، بۇنىڭ سايىسىدا بوكو ھارامنىڭ تەسىر كۈچى 2014 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا % 83 ئازايدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر