ئىراندا 80 مىڭدىن ئارتۇق لايىھە پۈتمەي چالا قالدى

ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولار تۈپەيلى 80مىڭدىن ئارتۇق لايىھە پۈتمەي چالا قالدى.

1102432
ئىراندا 80 مىڭدىن ئارتۇق لايىھە پۈتمەي چالا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەھدى جەمالىنېجاد، 80مىڭدىن ئارتۇق لايىھنىڭ پۈتمەي چالا قالغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن خۇسۇسىي شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، زەنجان ۋىلايىتىدە شەھەر باشلىقلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن جەمالىنېجاد: ئىراندا 80مىڭدىن ئارتۇق لايىھە پۈتمەي يېرىم قالدى، ھۆكۈمەت بۇ لايىھەلەرنى تاشلاپ قويمايدۇ، دېدى.

لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور مىقداردا مەبلەغكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتكەن جەمالىنېجاد، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا دۆلەتنىڭ قولىدىكى لايىھەلەر خۇسۇسىي شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن تەقدىردە تېز سۈرئەتتە ئۈنۈم كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراندا چوڭ لايىھەلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىمۇ  بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم ئارمىيەنى ئىقتىسادى پائالىيەتلەردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى ئەمىر خاتەمى بۇ يىل ئاۋغۇستتا بايانات بېرىپ، ئارمىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 130دىن ئارتۇق قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە قۇرۇلۇش-بىناكارلىق شىركەتلىرىنىڭ خۇسۇسىي شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا بۇ يىل 8-مايدا تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىرانغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېمبارگو قويدى، ئېمبارگو نەتىجىسىدە ئىران ئىقتىسادى بارغانچە ناچارلاشتى، چەت ئەل شىركەتلىرى بولسا ئىرانغا مەبلەغ سېلىشنى توختاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر