ئېكۋاتور پىرېزىدېنتى: ئەنگلىيە ئاسانجنىڭ باشقا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى

ئېكۋاتور پىرېزىدېنتى لېنىن مورېنو، ئەنگلىيەنىڭ، ئېكۋاتورنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىدا ياشاۋاتقان ۋىكىلېكسنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىيان ئاسانجنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1102073
ئېكۋاتور پىرېزىدېنتى: ئەنگلىيە ئاسانجنىڭ باشقا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋاتور پىرېزىدېنتى لېنىن مورېنو، ئەنگلىيەنىڭ، «ئېكۋاتورنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىدا ياشاۋاتقان (ۋىكىلېكسنىڭ قۇرغۇچىسى) جۇلىيان ئاسانجنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ باشقا بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقى» توغرىسىدا كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

لېنىن مورېنو بىر رادىيو پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئاسانجنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەكتۇپلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپ، بەس – مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاسانج، 2012 – يىلىدىن بۇيان لوندوننىڭ نايتبرىيج رايونىدىكى ئېكۋاتور ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خانىسىدا ھايات كەچۈرمەكتە.

ئەنگلىيە مەھكىمىسى، ئاسانجنىڭ 2012 – يىلى 2 ئايالغان باسقۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. ئاسانج سوتنىڭ قارارىدىن كېيىن، 2012 – يىلى ئىيۇندا شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېكۋاتورنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەنىدى.

شىۋېتسىيە مەھكىمىسى ئۆتكەن ئاسانجقا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلغانىدى.

ئېكۋاتور ئاسانجنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇقرالىق بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر