ئافغانىستاندا تالىبان ھەربىي قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھەربىي قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 14 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1102546
ئافغانىستاندا تالىبان ھەربىي قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ھىرات ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جەيلانى فارھاد تالىباننىڭ غەربىي قىسىمغا جايلاشقان ھىرات ۋىلايىتىدىكى شىندەنتتە ھەربىي قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدا 14 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى جەيلانى فارھاد يەنە، ھۇجۇمدىن كېيىن، تالىباننىڭ 20 ئەسكەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر