ئىرېلاندىيە پارلامېنتى ئىسىرائىلىيەگە قارشى لايىھەنى ماقۇللىدى

ئىرېلاندىيە كېڭەش پالاتاسى ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى تۇرالغۇلىرىغا قارشى سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

1101381
ئىرېلاندىيە پارلامېنتى ئىسىرائىلىيەگە قارشى لايىھەنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرېلاندىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتى ھېسابلىنىدىغان كېڭەش پالاتاسى، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مال ۋە خىزمەتلەرنى سېتىۋېلىشنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ماقۇللىغان ئەھۋالدا رەسمىي قانۇنغا ئۆزگىرىدىغان لايىھەگە قارشى چىقتى.

ئىرېلاندىيە لايىھە قانۇنغا ئۆزگەرگەن ئەھۋالدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى تۇرالغۇلىرىغا قارىتا بۇ خىل چەكلىمە قويغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالىدۇ.

لايىھەنى تەييارلىغان مۇستەقىل كېڭەش پالاتا ئەزاسى فرانسېس بلەك ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ: «كىشىنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ! ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلار لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى ھەممە باسقۇچلارنى ئاخىرلاشتۇردى. ئىرېلاندىيە قانۇنسىز تۇرالغۇلار سودىسىنى توختاتقان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇشى مۇمكىن.ئەمدى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتىغا سۇنىلىدۇ. چوڭ قوللاش ئاستىدا بۇ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە لايىھەنى قانۇنلاشتۇرىمىز» دېدى.

فرانسېس بلەك بۇرۇنقى باياناتىدا لايىھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ، ئەدلىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ياۋروپا دۆلىتى بولۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي شەرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىر تەرەپتىن تۇرالغۇ جايلىرىنى قانۇنسىز زېمىن ۋە بايلىقلارنى ئوغرىلاش ھېسابلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن قانداقلارچە بۇ جىنايەت مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى قىلالايمىز؟» دېگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېڭەشتە تۇنجى باسقۇچنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشكەن لايىھەنى «ناھايىتى خەتەرلىك لايىھە» دېگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ لايىھە توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، لايىھەنىڭ قانۇنغا ئايلىنىش باسقۇچىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مەزكۇر لايىھە بىرىنچى قېتىم 2018-يىل يانۋاردا كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇلغان بولۇپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىشى نەتىجىسىدە ئىيۇن ئىيىغىچە توختىتىپ قويۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر