ئامېرىكىدا بىر مۇسۇلمان سىياسەتچى دۇچ كەلگەن ئايرىمچىلىق دەتالاش پەيدا قىلدى

جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ فورت ۋورس رايونى شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان شاھىد شافى (ئەسلى پاكىستانلىق) نىڭ «مۇسۇلمان بولغانلىقى» ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش ئۇرۇنۇشىغا ئۇچرىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى.

1101436
ئامېرىكىدا بىر مۇسۇلمان سىياسەتچى دۇچ كەلگەن ئايرىمچىلىق دەتالاش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىيۇن ئېيىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ فورت ۋورس رايونى شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان شاھىد شافى (ئەسلى پاكىستانلىق) نىڭ «مۇسۇلمان بولغانلىقى» ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش ئۇرۇنۇشىغا ئۇچرىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى.

بۇنىڭدىن 28 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىغا بېرىپ يەرلەشكەن ۋىراچ، تېكساش ئىشتاتى سوۋتلېيك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، ئىيۇن ئېيىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ فورت ۋورس رايونلۇق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان شاھىد شافىنىڭ «ئىسلام دىنى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە سادىق بولغانلىقى، ئىسلامىي تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىسى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ رايونغا مەسئۇل ئەمەلدارى بوررىې ئوبرىئېن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

ئوبرىئېن شافىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ رايونلۇق شۆبىسىنىڭ باشلىقى دارل ئېستون بايانات بېرىپ، «(ئوبرىئېننىڭ) بۇنىڭغا كۆرسەتكەن بىردىنبىر سەۋەب ئۇنىڭ (شافىنىڭ) مۇسۇلمان بولۇشى ئىدى. ماڭا كۆرسەتكەن بىردىنبىر سەۋەب بۇ ئىدى» دېدى.

پارتىيە ئۈمىكى ئەزاسى جورج پ.بۇش بولسا، شافىغا قارىتىلغان تۆھمەتلەر ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى تورىسىدىكى تەلەپنىڭ ئامېرىكا قىممەت – قاراشلىرىغا ماس كەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رايون مەسئۇللىرى، ئىشچان بىر پارتىيە ئەمەلدارىنى پەقەت دىنى ئېتىقادىغا ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرىمەن. تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بىر جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز ۋە تېكساسنى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇشنى خالايدىغان بولساق، ئۆزىمىزنى ۋەيران قىلىشنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېكساس مەجلىسىنىڭ باشلىقى جوي سترائۇسمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «بەزى پارتىيە مەسئۇللىرى بىر پارتىيە ئەمەلدارىنى ئېتىقادى يۈزىسىدىن پارتىيەدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. نۇمۇس قىلارلىق، ئامېرىكا ۋە جۇمھۇرىيەتچى قىممەت – قاراشلارغا ماس كەلمەيدىغان بىر قىلمىش، پۈتكۈل ئەمەلدارلار تەرىپىدىن توختىتىلىشى كېرەك» دېدى.

شافىنىڭ قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئوبرىئېن باشچىلىقىدىكى پارتىيەنىڭ باشقا ئەزالىرى بولسا، بۇش ۋە سترائۇسنىڭ باياناتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

شافىنى دىنىي تۇرمۇشىغا دىققەت قىلىش، مۇنتىزم ھالدا جامەگە بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئەمەلدارلار، ئۆزلىرىگە قارشى چىققان پارتىيە ئەزالىرىنى بولسا، تېكساس ئىشتاتىغا «ئىسلامىي شەرىئەت تۈزۈمىنىڭ ئېلىپ كېلىنىشىگە ياردەمچى بولۇش» بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر