رۇسىيە: يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىۋاتىمىز

رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىمزالىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىنىڭ ھۆكۈملىرى تولۇق رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1100773
رۇسىيە: يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  موسكۋانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بەش قولدەك ئايان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ رۇسىيەنىڭ قورال – ياراغلارنى كونتىرول قىلىش مەسىلىسىدە ھىيلە ئىشلەتكەنلىكىگە ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چۈنكى، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشىدا ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «موسكۋا ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بەش قولدەك ئايان.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلىشىمىگە ئاساسەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن رۇسىيەگە 60 كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «رۇسىيە قورال – ياراغلارنىڭ كونتىروللۇقى مەسىلىسىدە ھىيلە ئىشلىتىۋاتىدۇ، شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نىسبەتەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىش ئاللىقاچان ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر