مىسىردىكى بوران ئاپىتى جان ئالدى

مىسىرنىڭ شىمالىي ساھىللىرىدا بوران ئاپىتى سەۋەبىدىن بىر كىشى ئۆلدى. ئىسكەندىرىيە ۋە داخىلىيە پورتلىرى ئىشتىن توختىدى.

1101030
مىسىردىكى بوران ئاپىتى جان ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مېتېئورولوگىيە ئىدارسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن مىسىرنىڭ شىمالىدا باشلانغان بوران ئاپىتىنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھاۋارايىدىكى بۇ سەلىبىي ئەھۋاللارنىڭ جۈمە كۈنىگىچە داۋام قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىسكەندىرىيەدىكى بوراندا ئىلان تاختىسىنىڭ غۇلاپ چۈشىشى سەۋەبىدىن بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يەنە بىر كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىن بۇيان كۈۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىيوردانىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.


خەتكۈچ: #مىسىر , #بوران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر