جېيمس جېفرېي بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېي بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدۇ.

1100733
جېيمس جېفرېي بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 14 – دېكابىردا ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان جېيمس جېفرېي، بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىپ سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، جېيمس جېفرېينىڭ تۈركىيە ۋە ئىيوردانىيە زىيارەتلىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى جوئېل رايبۇرنمۇ ھەمراھ بولىدۇ.

جېفرېي تۈركىيەدە كۆرۈشىدىغان رەھبەرلەر بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىىسدا سۆزلىشىدۇ ۋە «يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئىيوردانىيە زىيارىتى جەريانىدا، سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قىلىنىۋاتقان بېسىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە داۋاملاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان جېيمس جېفرېي، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن سىياسىي چارە تېپىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

ئۇ، بۇ يەردە سۈرىيە سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىش مۇساپىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكىلىق خادىملار بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر