ھىندونېزىيەدە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىرمانىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1100706
ھىندونېزىيەدە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روھىڭيا ھەمكارلىقى مىللىي كومىتېتىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدا، بىرمانىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن قەتلىئاملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى؛ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان روھىڭيا ھەمكارلىقى مىللىي كومىتېتى باش كاتىپى ئىبنۇلخاجار بايانات بېرىپ، «بىرما ھۆكۈمىتىنى ياردەم قىلىشقا يول قويۇشقا چاقىرىمىز. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان بىرما بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئېتنىك تازىلاش، ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر ۋە ئۇرۇش جىنايەتلىرى بويىچە ئاراكاندا سادىر قىلىنغان قانۇنسىزلىقلارغا قارشى تۇرۇش چارىلىرىنى يولغا قويۇشقا چاقىرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،  2017 - يىلى 25 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئاراكاندىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىپ باڭلادېشقا كەلگەنلەرنىڭ سانى 725 مىڭغا يەتكەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ يۈزلەرچە يېزىنىڭ ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

باڭلادېش، تەۋەلىكىدىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىن ۋاز كەچتى، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ياردەم ئورگانلىرىنىڭ ئاراكان رايونىغا كىرىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىگەن بىرما ھۆكۈمىتى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىشلىرىغا ئالاقىدار ۋەدىلىرىدە تۇرمىدى.

ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى «ئېتنىك تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىماقتا؛ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تېگىشلىك بىخەتەر مۇھىت يارىتىلماي تۇرۇپ يۇرتلىرىغا قايتىشلىرىنىڭ يېڭى بىر ئېتنىك تازىلاش دولقۇنىنى پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر