ب د ت يەمەن تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ب د ت شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەمەن تىنچلىق مۇزاكىرە يىغىنلىرىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1100760
ب د ت يەمەن تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسى دىرېكتورى داۋىد بېسلېي ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا پەيشەنبە (6-دېكابىر) كۈنى باشلىنىشى پىلان قىلىنغان يەمەن تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆتكەن ئايدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە زىيارتتە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۇدەيدە ۋە سانائادا بولغان ئۈچ كۈندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ۋە ھۇسىيلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرستىگە ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كۆرۈشۈشلەردە ھەر ئىككى تەرەپكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە رۇخسەت بېرىشكە چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يەر ئاپەتنىڭ بوسۇغىسىدىكى دۆلەت ئەمەس، بەلكى ئاپەتتە قالغان دۆلەت. زىيارەت توغرىسىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بەردىم» دېدى.

ئۇ يەمەندە 8 مىليوندىن 12 مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 29 مىليون نوپۇسى بولغان يەمەندە 19-18 مىليون كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەر بولماسلىقتەك مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكتلىدى.

ئۇ يېقىنقى ھەپتىلەردە توقۇنۇشلار ئەۋجىگە چىققان ھۇدەيدەنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرەلەردىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلەرگە بولغان بېسىمنىڭ ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە تەرەپلەرنىڭ كۆرۈشۈشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇسىيلارنىڭ تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىغا قاتنىشىشىدا، بەلكىم تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇچرىشىشلاردا ئىلگىرىلەش ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەرەپلەرنىڭ كۆرۈشۈشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. ھەقىقەتەن ئۈمىدۋارمەن» دېدى.

ھۇسىيلار بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي قاتناشمىغان ۋە 6-سېنتەبىر شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەمەن مۇزاكىرە يىغىنى، 8-سېنتەبىر نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى.

شىۋېتسىيەدە ب د ت تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىدە ھۇسىيلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەيئەتنىڭ ئەزاسى ھامىد ئاسىم، بىر ئۆزگىرىش بولمىسا،  6-دېكابىر ستوكھولمدا مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر