ب د ت شىمالىي كورېيەگە كېرەكلىك ئىنسانىي ياردەمنىڭ مىقدارىنى ئېلان قىلدى
ب د ت ، خەلقئارا جەمئىيەت ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان شىمالىي كورېيەنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلى كەم دېگەندىمۇ 111 مىليون دوللارلىق ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1100978
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت ئىنسانىي مەسىلىلەر كوردىناتسىيە ئىشخانىسىنىڭ، <دۇنيانىڭ 2019 – يىللىق ئومۇمىي ئىنسانىي ۋەزىيىتى> ناملىق ماتېرىيالىدا، ئالدىمىزدىكى يىلى 6 مىليون شىمالىي كورېيەلىككە قىلىنىشى نىشان قىلىنىۋاتقان ياردەم قىممىتىنىڭ كەم دېگەندىمۇ 111 مىليونغا يېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
شىمالىي كورېيەدە 2018 – يىلى ئىنسانىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشى سانى 10 مىليون 300 مىڭ دەپ تەخمىن قىلىنغان ماتېرىيالدا، «ئېمبارگولارنىڭ قەستەن بولمىسىمۇ ئىنسانىي خىزمەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى» بىلدۈرۈلدى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ 2018 – يىلى ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە سەل ئاپەتلىرى تۈپەيلى ناچارلاشقانلىقى تەكىتلەندى.