ب د ت قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەل باچېلېت بۇ جىنايەت ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىدى.

1101063
ب د ت قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق چىلى دۆلەت رەئىسى قۇشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەل باچېلېت سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئىچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلىشىگە زادى كىمنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئېختىياج بارلىقىنى ئېيتتى. 

ئامېرىكىدا پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا مەركىزىي ئىسختىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭ دىرىكتورى گىنا ھاسپېلدىن مەلۇمات ئالغاندىن كېيىن، جەمال قاشىقجىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنل دېگەن نەتىجىگە كەلگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

دەل شۇ پەيتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىنمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەل باچېلېت ئاخبارت ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ 2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەربىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سابىق چىلى دۆلەت رەئىسى قۇشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچەل باچېلېت بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ مۇئەييەنلىشىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىدى.

مىچەل باچېلېت ئۆكتەبىر ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن قاشىقجى ۋەقىسىگە چېتىشلىق بارلىق دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ دەخلى قىلىنماسلىق ھوقۇقىنىڭ ئېلىش تاشلىنىشىنى ۋە جەسەتنىڭ ئورنىنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر