يەمەندە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى

يەمەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى، ھۇسىيلاردىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ ئىمزالاندى.

1099898
يەمەندە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىي كۈچلىرىگە قاراشلىق ئەسىرلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلقادىر ئەلمۇرتەزا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ب د ت نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گرىفىتس، ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى ئىمزالانغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ ئىمزالانغانلىقى ئۇچۇرىنى تۈنۈگۈن بىزگە يەتكۈزدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ھۇسىيلارنىڭ ب د ت  تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن كېلىشىمنى ئىمزالاش رەسمىيەتلىرىنىڭ بۈگۈن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇرتەزا، ئىمزالىق كېلىشىمنىڭ بىر نۇسخىسىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماستىن ئورۇندىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

يەمەن كىرىزىسىغا چارە تېپىش مەقسىتىدە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ب د ت نىڭ يەمەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن ئىلگىرى، تەرەپلەر ئارىسىدا ئىشەنچ ئورنىتىش ئۈمىدى بىلەن 50 يارىدار ھۇسىي ئومانغا ئاپىرىپ قويۇپ بېرىلگەنىدى.

سۆھبەتلەرگە تەييارلىق قىلىش دائىرىسىدە يەنە ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى گرىفىتس، بۈگۈن شىۋېتسىيەدىكى سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدىغان ھۇسىي ھەيئەتكە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن يەمەنگە قاراپ يولغا چىققانىدى.

كۇۋەيت مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد ئەلجارۇللاھمۇ شىۋېتسىيەگە بېرىش ئۈچۈن سانئادىن يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر