ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىزگە ياردەم بېرىش ئىرادىسى قەتئىي

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى مائىرىكىئو ماكرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارگېنتىناغا ياردەم بېرىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئېيتتى.

1100243
ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىزگە ياردەم بېرىش ئىرادىسى قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرى پىرېزىدېنت سارىيى كاسا روسادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە 17 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ ماھىيىتىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بىزگە ياردەم بېرىش ۋە بىزنى قوللاش ئىرادىسى قەتئىيدۇر.  دۇنيانىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھازىرغىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگىنىمىزدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. دەرۋەقە، ئارگېنتىنا دۇنيا سەھنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىر يىل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. ئىلگىرى دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن ھېچقاچان بۇنچىلىك يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ باقمىغان ئىدۇق، بۇ، ھەرگىزمۇ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، لېكىن، بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئۇدا 70 يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەردۇر. ئارگېنتىنا ھېچقاچان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغىنى يوق، ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ  بولۇش ۋە ئىدېئولوگىيەلەرگە قارىماستىن  ھەمكارلىق ئورنىتىش نىيىتى بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر