ماكروننىڭ سېربىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، دۆلىتىدىكى «سېرىق چاپانلىقلار» نامايىشى تۈپەيلى 5-، 6 – دېكابىر كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان سېربىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى.

1099960
ماكروننىڭ سېربىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇجىج مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، فىرانسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار تۈپەيلى ماكروننىڭ بېلگراد زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەپسۇسكى دۆلىتىدىكى ئىچكى مەسىلىلەر ۋە ھازىرقى ۋەزىيەت يۈزىسىدىن پىرېزىدېنت ماكرون دۆلىتىمىزگە قارىتىدىغان زىيارىتىنى بىر قانچە ھەپتە ئارقىغا سۈرۈشىمىزنى ئۈتۈندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە مىقياسىدا «سېرىق چاپانلىقلار» دېگەن نام ئاستىدا تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار، 17 – نويابىردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ بېجىنى تۆۋەنلىتىشى ۋە ئىقتىسادىي شەرت – شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

فىرانسىيەدىكى نامايىشلار، ماكرون ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەلەپلەر بىلەن ئىسيانغا ئايلىنىپ كەتتى.

نامايىش جەريانىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەردە ھازىرغىچە 2 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 222 سى خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 1043 ئادەم يارىلاندى، 1424 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر