ئىران: بىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز

ئىران ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى براگادا كوماندىرى «بىز ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىمىزنى، ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بىر دۆلەتتىن رۇخسەت ئېلىپ يۈرمەيمىز» دېدى.

1099515
ئىران: بىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى براگادا كوماندىرى ئەبۇل فەزل شىكارچى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىران ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چەكلىمسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى» دېگەن شىكايىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، «بىز ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىمىزنى، ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Tasnim» نىڭ خەۋەر قىلىشچە، براگادا كوماندىرى ئەبۇل فەزل شىكارچى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيونىڭ: «ئىران ھەر خىل ئوق بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوتتۇرا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى ۋە بۇ سىناق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپ» دېگەن باياناتى ئۈستىدە توختالغان. 

ئەبۇل فەزل شىكارچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىانلىقىنى، رايوندىكى ھېچبىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىدە كۆزلىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئەبۇل فەزل شىكارچى: «بىز ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىمىزنى، ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بىر دۆلەتتىن رۇخسەت ئېلىپ يۈرمەيمىز» دېگەن سۆزلەرى ئىشلەتتى ۋە بۇ تېمىنىڭ مۇزاكىرە سىرتىدىكى تېما ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئىراننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. 

ئامېرىكا ۋە رايوندىكى ئىتتىاپقداشلىرىنى ئىستىراتېگىيەلىك بىرەر خاتالىق سادىر قىلماسلىق جەھەتتە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئەبۇل فەزل شىكارچى: «ئەگە شۇنداق بىرەر خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ سالىدىغان بولسا، مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان شەكلىدە دەرسىنى ئېلىشىدۇ. بىز ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. پەقەتلا تەجرىبىسىز ۋە چالا ئۇستىلارلا شۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە بەدىلىنىمۇ ئېغىر ئۆتەيدۇ» دېدى.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى مايك پومپىيو ئالدىنقى كۈنى ئىراننىڭ ھەر خىل ئوق بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياۋروپانىڭ بىر قىسمىغا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەممىلا يېرىگە يېتىپ بارالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231 نۇمۇرلۇق قارارىغا خىلاپ. ئىراننى يادرو ئوق بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بارلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىىرق قىلىمىز» دېگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر