گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن خىتابنامە ئېلان قىلىندى

ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

1098939
گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن خىتابنامە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قائىدە-پىرىنپسىپلىرىغا بولغان ساداقەتمەنلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋالاشتۇرۇلۇشى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە دۇنيانىڭ كېلەچىلىكى ئۈچۈن ھەمكارلىشىش، تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى ياخشىلاش، سىجىل ئاشلىق ئىستراتېگىيەسى ۋە جىنسىيەت باراۋەرلىكىگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدە ئەتراپلىق كېڭەش قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  

دۇنيا ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن خىتابنامىدە، قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلىدىغان خەلقئارا تەرتىپنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارا سودا قائىدىلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامىدە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقى، شۇڭا ئىسلاھ قىلىنىشى  كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنىڭ دۇنيا كىلىماتىنى قوغداش جەھەتتە زور رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، مەزكۇر كېلىشىمنى تولۇق مەنىدە ئىجرا قىلىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىش ھادىسىسىگە قارشى خىزمەت ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامىدە يەنە ھەر قانداق تېررورلۇق قىلمىشىنىڭ چوقۇم ئەيىبلىنىشى لازىملىقى ئەسكەرتىلىپ، ئەينى چاغدا گېرمانىيەدە چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشقا دائىر باياناتلارغا ئىزچىل رىئايە قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

خىتابنامىنىڭ ئاخىرقى ماددىسىدا 2019-يىلدىكى گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ياپونىيەدە، 2020-يىلدىكى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلىدىغانلىقىغا قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر