ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئالەمدىن ئۆتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن جورج ھېربېرت ۋالكېر بۇش 94 يېشىدا تېكساستا ئالەمدىن ئۆتتى.

1098501
ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 43 – پىرېزىدېنتى جورج بۇش تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 41 – پىرېزىدېنتى دادام  جورج ھېربېرت ۋالكېر بۇش ئالەمدىن ئۆتتى، ئائىلىمىز مۇسىبەت ئىچىدە بولۇپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش بىزگە ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كېلىدۇ، دادام ئالىيجاناب، ئېسىل ۋە ھەرقانداق بىر ئەۋلادقا نىسبەتەن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئەڭ ياخشى دادا ئىدى.»

1989 – 1993 – يىللىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن جورج ھېربېرت ۋالكېر بۇش، تارىخ سەھىپىسىدىن، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر