ئىتالىيەدە مافىياغا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئىتالىيە ساقچىلىرى ۋە ژاندارما ئەترەتلىرىنىڭ جەنۇپتىكى فوگگىيا شەھىرىدە مافىيا تەشكىلاتلىرىغا قارشى باشىلغان ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، 30 دىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1098300
ئىتالىيەدە مافىياغا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە گېزىتلىرىدە ئورۇن خەۋەرلەردە، رايوندا مافىيا تەشكىلاتلىرىغا قارشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەندى. 

خەۋەردە، ساقچى ۋە ژاندارما ئەترەتلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە باشلىغان ھەرىكىتىدە مورېتتى، پېللېگرىنو، لانزا ۋە سىنەسى فىرانكاۋىللا ناملىق مافىيا تەشكىلاتلىرى نۇقتىلىق نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نازارەتكە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ مافىيا بولۇپ تەشكىللەنگەنلىكى، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئالۋاڭ ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ساقچى مەسئۇللىرى نازازەتكە ئېلىنغان 30 دىن ئارتۇق كىشى ئارىسىدا، فوگگىيا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە بىر سابىق تېخنىكا دىرىكتورىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر