ئامېرىكا ئىرانغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى برىئان ھوك تېھران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن تەقدىردە، ئىرانغا ھەربىي جەھەتتىن  تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1097777
ئامېرىكا ئىرانغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھوك ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىل گۇرۇپپىلارغا بېرىۋاتقان قورال - ياراغ ياردەملىرى ۋە داۋاملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىشى» تېمىلىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئىران نامىدىن ئۇرۇش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنىڭ يەمەن، ئىراق ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىرانغا ئائىت قورال – ياراغلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىران تەھدىتىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرمىغان تەقدىردە، رايوندا سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ دۇنيا مىقياسىدا تېررورىزمغا بېرىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ رايونلۇق مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارنىڭ ئالدىنقى ئايلاردا بەسرە ۋە ئىراقتىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزسە، بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز. دەرۋەقە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نىشانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىرانغا قارشى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتۇر. ئىران 2007 – يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا تالىبانغا ياردەم بەرمەكتە، تېھران ھۆكۈمىتى تېررورىزمنى داۋاملىق قوللىسا، تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر