پاكىستانغا سېتىلىدىغان <ئاتاق> ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلاندى
مەركىزى پاكىستاندىكى ئاخبارات ئورگىنى Quwa Group ، « T129 ATAK » ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1097519
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى ئورگىنى پاكىستان ئۈچۈن جەمئىي 30 دانە «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىدىكەن. دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان پاكىستانغا 2020 – يىلى تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.