تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 39 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قوزغاپ نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1097381
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 39 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا  تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام  بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 39 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ 43 ئەسكەرنى يارىلاندۇردى.

نىگېرىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال تۇكۇر يۇسۇپ بۇراتاي، بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە بورنو ۋىلايىتىگە قاراشلىق كۇكاۋا، نىگوشې، كارېتو ۋە گاجىرام رايونلىرىدىكى 4 ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرىدا 16 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ 12 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان بۇراتاي، ھۇجۇملاردىن كېيىن چىققان توقۇنۇشلاردا يەنە 23 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ 31 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇراتاي تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە تارقالغان خەۋەرلەردە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا 100دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلدىن ئېتىبارەن سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك زوراۋنلىق قىلمىشلىرىدا 20مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.

تەشكىلات 2015-يىلدىن بېرى نىگېرىيەگە قوشنا بولغان كامېرۇن، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.  

تەشكىلاتنىڭ چاد كۆلى ھاۋزىسىدا سادىر قىلغان تېررورلۇق قىلمىشلىرىدا  ھازىرغىچە ئەڭ ئاز 2000 ئادەم ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر