جەنۋەدىكى «ئافغانىستان يىغىنى»غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

ب د ت بىلەن ئافغانىستان ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمەتلىرى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئافغانىستان يىغىنى»غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

1097130
جەنۋەدىكى «ئافغانىستان يىغىنى»غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسىدا ب د ت بىلەن ئافغانىستان ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمەتلىرى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئافغانىستان يىغىنى»ئاخىرلاشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى تادامىچى يامانوتو، يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھازىرغىچە چاقىرىلغان ئەڭ كۆلەملىك يىغىنلاردىن بىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ياماموتو  تالىباننىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، تالىباننىڭ تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىنى شەرت قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ياماموتو: ھەممەيلەن تالىباننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە، دېدى.

ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ھامدۇللا موھىب،  تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تالىباننىڭمۇ بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستاننىڭ سابىق ۋاشىنگىتون ئەلچىسى موھىب، تالىبان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان تەقدىردىمۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بىر نەچچە يىل  ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

موھىب تالىباننىڭ بۇرۇنقىدەك كۈچى يوقلىقىنى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاداققىچە سادىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، ب د ت تەرىپىدىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنىنىڭ، تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسى تۈپەيلى يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت غەنى تۈنۈگۈنكى يىغىندا تالىبان تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 12 شەخستىن تەشكىل تاپقان كۈچلۈك بىر ھەيئەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى.

جەنۋەدە ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئافغانىستان يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران قاتناشتى.

يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدە ئافغانىستاندىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنىدە بولسا 70تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئىشتىراكچىلار بىلەن «مىنىستىرلار يىغىنى»ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر