شى چىنپىڭ خىتاي بازىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى چىنپىڭ سودا ئۇرۇشىنى پەس كويغا چۈشۈرۈش ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەركىن سودىغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي بازىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1096880
شى چىنپىڭ خىتاي بازىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى، ئىسپانىيە پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھازىر ئۆتمۈشتە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېنىقسىزلىق ۋە مۇقىمسىزلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىسانىيەتنىڭ قايسى تەرەپكە كېتىپ بارغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەركىن سودا ۋە يەرشىلاشقان ئىقتىسادمۇ ياكى ئۆز بېشىمچە ئەركىن سودىغا قارشى بىر ئىقتىسادمۇ؟ بۇ ئېنىقسىزلىقنى بىر تەرەپ قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي ئېنېرگىيە يارىتىپ، تېخىمۇ بەك مۇرەسسە مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بارلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بىرلىكىگە ۋە ھەمكارلىقىغا ئېھتىياج بار. دۇنيا پەقەت مانا بۇ شەكىلدە توغرا يولدا تەرەققىي قىلالايدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشىنى پەس كويغا چۈشۈرۈش ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەركىن سودىغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شى: «خىتاي ئىشىكلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىشقا يەنىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. خىتاي تېخىمۇ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېمپورت قىلىپ، ئىچكى بازارنى يۈكسەلتىش ئارقىلىق خىتاي بازىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئېچىلىش سۈرئىتىنى تىزلاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى، ئىسپانىيە پادىشاھى 6فېلىپ، باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز، پالاتا باشلىقى پىيو گارجىيا ئېسكۇدېرو بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

زىيارەت دائىرىسىدە ئىسپانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

خىتاي دۆلەت رەئىس شى ئىسپانىيەدىن ئەتە ئايرىلىپ، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئارگېنتىناغا بارىدۇ ۋە دۆلىتىگە قايتىشتىن ئىلگىرى پاناما ۋە پورتۇگالىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر