سەئۇدى ئەرەبىستان ئوبرازىنى ياخشىلاش شىركەتلەرگە پۇل خەجلىمەكتە

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خۇنۈكلەشكەن ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1094872
سەئۇدى ئەرەبىستان ئوبرازىنى ياخشىلاش شىركەتلەرگە پۇل خەجلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتىلىك بىلد ئام سونتاگ گېزىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن  سەلماننىڭ، پادىشاھ ئائىلىسى ھەققىدىكى سەلبىي قاراشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىكى «WMP» ناملىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىلەن 2015-يىلدىن تارتىپ ھەمكارلىشىىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا زامانىۋىلىشىشنى ۋە يېڭىلىقلارنى قوللايدىغان بىر كىشى سۈپىتىدە كۆرۈلگەنلىكى، بىراق ھازىر بولسا، بالىلىرىنى ئاچ قويۇۋاتقان، ئۆكتىچىلەرنى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ، ئۇلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن «قولى قانغا بويالغان كىشى» گە ئۆزگەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، پادىشاھ ئائىلىسىنىڭ بۇ مەزگىلدە، جامائەتچىلىك ئىچىدە ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن مەزكۇر شىركەت بىلەن قىممىتى يۈز مىڭلارچە ياۋرولۇق كېلىشىم تۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەسلىھەتچىلىك شىركىتى گېرمانىيەدىكى داڭلىق ژۇرنالىستلار، سىياسەتچىلەر ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر بىلەن ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، شىركەت ئالاقە ئورناتقان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا پايدىلىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «فرانكفۇرتېر ئاللگېماينى گېزىتى»، بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى كەسكىن رەت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانغا پايدىلىق خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «زۈددۈچە زەيتۇڭ گېزىتى» مۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ھېچقانداق مۇھەررىر ياكى مۇخبىرنىڭ، بۇنداق مەسىلىدە تەسىرگە ئۇچرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

«WMP» شىركىتىنىڭ خوجايىنى مىشائىل ئىناككا بۇ ھەقتە «خاتا ئىش قىلمىغانلىقلىرى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىز ئادەتتە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلاشمايمىز، بىز رايون بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان شىركەت ياكى كىشىلەرگە تەۋسىيە سۇنىمىز» دېدى.

مىشائىل ئىناككا ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلاشقانلىقلىرىنى توغرىلىدى ۋە: «قاشىقچى جىنايىتى قانۇنغا خىلاپ، ئېقىنلىنىشى كېرەك» دېدى.

مەزكۇر شىركەتتە، گېرمانىيەنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى ھانىس ئايشەل، پورشە (Porsche) شىركىتىنىڭ سابىق باشلىقى ۋېندېلىن ۋېيدىكىڭ، مېترو شىركىتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئېكارد كوردېس ۋە بىلد گېزىتىنىڭ سابىق باشلىقى ھانس ھېرماننىڭ مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر