قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئەل سانى تۈركىيەگە كېلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا قاتار ئەمىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

1094350
قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئەل سانى تۈركىيەگە كېلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئەل سانىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «تۈركىيە قاتار ئالىي ئىستىراتېگىيە كومىتېتىنىڭ 4نۆۋەتلىك يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلغا كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىنغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئەل سانى بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

يىغىندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىلىدۇ. 

يىغىندا يەنە، تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل كېلىشىملارنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ مۆلچەرلەنمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر